شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولدى. بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدۇ، سەيشەنبە كۈنى سوغۇق ئېقىم كىرىپ يامغۇر ياغىدۇ.
9-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئاستا ئۆرلەيدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 23 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن. ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا كۈندۈزدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، كەچتە ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن.
چارشەنبە كۈنى ھاۋا ئېچىلسىمۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئالدىنقى كۈندىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدىكەن. ئارقىدىن تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا 20 سېلسىيە گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن ئاشىدىكەن. لېكىن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى يۇقىرى بولغانلىقتىن، شەھەر ئاھالىلىرى قېلىنراق كىيىنىپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم ئىكەن.