تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جوڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 119 پويىزنى كۆپەيتىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە،جوڭچيۇ بايرىمىلىق، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت قىزىق لىنىيەلىرىدە قاتنايدىغان يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 119 نۆۋەتچى پويىزنى كۆپەيتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى يولۇچىلار ئېقىمى تۇرپان، پىچان، قومۇل، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا، بېيتۈن، كۈيتۈن، شىخەنزە، قاراماي قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە بىر قەدەر مەركەزلىشىدىغان بولۇپ، تۆمۈريول تارماقلىرى ئوقپويىز، ئادەتتىكى پويىز، شەھەر ئارا پويىزلارنى كۆپەيتىدىكەن.

ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى