تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمەن

 ئاقسۇ شەھەرلىك 5–ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى گۈلباھار مۇختەر


    مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان گۈزەل دەۋردە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن باشلاپلا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى تەربىيەسى ئالغان، ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، پارتىيەنىڭ نۇرىغا چۆمۈلۈپ بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلدىم.
    ھازىر، شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. مەن بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن.
    مەن باشتىن-ئاخىر بىردەك پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جاپا – مۇشەققەتتىن، ھېرىپ – چارچاشتىن قورقماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.
    دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ئوقۇتۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىنى توسىمەن. مېنىڭچە، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ ياش – ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشتىكى كۈچلۈك قورال.
    مەكتەپ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئاساسىي جەڭگاھ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بار ئاماللار بىلەن بىزدىن ياش – ئۆسمۈرلەرنى تالىشىپ، ياش – ئۆسمۈرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە باشلامچىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى تىرىشىپ ساپلاشتۇرۇپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ سۇيىقەستىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرغۇزمايمەن. ئاساسىي مېلودىيەنى پائال ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن. ئادەتتىكى ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمەن، تەربىيەلەيمەن.
    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىيدا زېرەك ئادەم  بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن، سۆز – ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل – كېسىل پاكىز قېزىپ چىقىمەن، پاكىز تازىلايمەن. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى