تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى


    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 15–كۈنى، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇ خىزمەتنى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان ئەخلاق – سىياسىي قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، بېيىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى شىنجاڭ ئىچىدە رايون ئاتلاپ تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، يېقىن ئەتراپتا ۋە ئۆز جايىدا، رايون ئاتلاپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىچكىرى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، يېقىن ئەتراپتا ۋە ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەربىيەلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، يېزا – بازار، كەنتلەر كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
    ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن جاۋ چىڭ، ياڭ يۇڭ، جاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى