تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«توڭتيەندۇڭ»شىنجاڭدىكى قىزىق ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار جاڭ شياۋلۇڭ، جوۋ يې). «بىز قېزىش داۋامىدا دەم ئېلىۋېتىپ، يەنە ساياھەتچىلەرگە بۇ جاي ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.» بىر پارچە زىچ تۇخۇمسىمان گىرانىت تاش «ئورمانلىقى»دا، «توڭتيەندۇڭ» ئارخېئولوگىيە خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈ جيەنجۈن شۇنداق دېدى. ئۇنىڭدىن بىرنەچچە مېتىر يىراقلىقتىكى جاي دەل 2017-يىلى جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنىڭ بىرى، شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدە بايقالغان تۇنجى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئۆڭكۈر خارابىسى «توڭتيەندۇڭ» ئىدى.
    بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، «توڭتيەندۇڭ» خارابىسى ئەتراپىدىكى 59 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان رايون «يايلاقتىكى تاش شەھەر» دېگەن نام بىلەن سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ، شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ داڭلىق ساياھەت ۋىۋىسكىسىغا ئايلاندى.
    جېمىنەي ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گو شاۋجياڭ مۇنداق دېدى: ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتىن ئىلگىرى، بۇ يەرنىڭ ئىزچىل نامى يوق ئىدى، ئىلگىرى بۇ يەرنى ئاچماقچى بولغان بولساقمۇ، بۇ ئىش ئۇزاق مۇددەت قەغەز يۈزىدىلا توختاپ قالغانىدى.
    جېمىنەي ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا توغرا كېلىدۇ. «توڭتيەندۇڭ» خارابىسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 45 كىلومېتىر كېلىدىغان ساۋۇر تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان.
    2016-يىلى، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بېيجىڭ داشۆ ئارخېئولوگىيە ۋېنبو شۆيۈەنى بىلەن بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەشكىللەپ، بۇ جايدا قېزىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ھازىرغىچە ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئۈچ قارارلىق قېزىشنى تاماملىدى.
    يۈ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يەردە 1000دىن ئارتۇق تاش قورال، ھايۋانات سۆڭىكى، ساپال پارچىسى، مىس جابدۇق قاتارلىقلار بايقالدى، بۇ كونا تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت مۇھىم خارابە بولۇپ، بۇنىڭدىن 45 مىڭ يىلدىن 3000 يىلغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ، ئىلگىرى ئىنسانلار بۇ جايدا ياشىغان.
    ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش يېڭى مەنزىرە رايونىغا قويۇق مەدەنىيەت تۈسى قوشتى.
    جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى ئەپەندى نەچچە ئون مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆڭكۈر ماكانىغا كىرىپ، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى سۆزلەپ بەرگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئائىت ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى. 76 ياشلىق لى ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ شىنجاڭ سەپىرىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ساياھەت تەسىراتى بولدى.
    قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىن، يايلاقتىكى تاش شەھىرى بىلەن داڭلىق قاناس مەنزىرە رايونى دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى ئارقىلىق زىچ تۇتاشتى. «ساياھەتچىلەرنىڭ قاناستىن ‹‹توڭتيەندۇڭ››غا كېلىشىگە پەقەت ئىككى سائەتلا كېتىدۇ». گو شاۋجياڭ ۋاقىت بىلەن ئارىلىقنىڭ بۇ چەت، يىراقتىكى كىچىك ناھىيەگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ.
    ساياھەت تارماقلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، قىسقىغىنا ئىككى ئايدا، يايلاقتىكى تاش شەھەردە ساياھەت قىلغان ئادەم 39 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بۇ ناھىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن.
    ئىلگىرى باشقا يۇرتلۇقلار ناھايىتى ئاز قەدەم باسىدىغان بۇ كىچىك ناھىيە بازىرىدا ئادەملەر ئېقىنى شىددەت بىلەن كۆپەيدى، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار بەس-بەستە: زادى كالا – قوي باقساق ياخشىمۇ ياكى چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ پۇل تاپساق ياخشىمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان بولۇپ قالدى.
    يايلاقتىكى تاش شەھەرگە يېقىن كەنتتە تۇرىدىغان بولات كېيىنكى يولنى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتتىكى نۇرغۇن كىشى توپقا قوشۇلماقچى بولۇۋاتىدۇ، بەزىلىرى يېڭىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغاچقا، تېزرەك پۇل تېپىشنى مەندىنمۇ بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ.
    ئەمەلىيەتتە، 2018-يىلىدىن ئىلگىرى جېمىنەي ناھىيەسى ئىزچىل دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ئىدى. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىمى چارۋىچىلىق ياكى تېرىقچىلىقتىن كىرەتتى.
    ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادە بىلەن تۈزگەن ساياھەت يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، پۈتۈن ناھىيە يىلىغا كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىنى 380 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىدىكەن. يىللىق ساياھەت كىرىمى 270 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن.
    پۈتۈن ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەتتە ئالغا سىلجىۋاتقان بولسىمۇ، گو شاۋجياڭ بىلەن يۈ جيەنجۈن يايلاقتىكى تاش شەھەردە زور كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلماسلىق توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. گو شاۋجياڭ مۇنداق دېدى: يايلاقتىكى تاش شەھەرنى كەلگۈسىدە دۇنيا مىراسى قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.
    ھازىر، «توڭتيەندۇڭ» بىلەن يايلاقتىكى تاش شەھەر مەنزىرە رايونى جېمىنەينىڭ نام كارتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، كىشىلەر ساياھەت كەسپىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. گو شاۋجياڭنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. ئۇ كۈنىگە ئون سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدۇ، چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن بولۇپ، ھەر كۈنى مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلغاندىن سىرت، يەنە مەبلەغ سېلىش خىيالى بار سودىگەرلەرنى كۈتۈۋالىدۇ، ئۇنىڭ تولا سۆزلەپ ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كەتكەنىدى.
    شۇنداق بولسىمۇ 45 ياشلىق گو شاۋجياڭ مۇنداق دېدى: ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى، بۇ يىل ئەڭ كۆڭۈللۈك ئۆتتى!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى