تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 87 مەخسۇس نۆۋەتچى پويىز ئورۇنلاشتۇرۇپ، پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىگە قولايلىق ياراتتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر شاڭ شېڭ). كۈز كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى ھەر قايسى جايلار كەينى – كەينىدىن پاختا تېرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە، خېنەن، شەندۇڭ، شەنشى، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پاختا تەرگۈچىلەر يۈك – تاقلىرىنى يۈدۈپ، ‹‹پاختا تەرگۈچىلەر مەخسۇس پويىزى››غا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا كېلىدۇ. بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 87 مەخسۇس نۆۋەتچى پويىز ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تېرىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى پىلانلىدى.
    9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى سائەت 15تە، چېڭدۇدىن كەلگەن K4757 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىردى، سىچۈەندىن كەلگەن 1100دىن ئارتۇق پاختا تەرگۈچى يېڭى بىر يىلدىكى شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تېرىش سەپىرىنى باشلىدى.
    شۇ كۈنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئۈچ پاختا تەرگۈچىلەر مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزى كەينى – كەينىدىن ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىردى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پاختا تەرگۈچىلەر شىنجاڭغا كېلىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.
    سىچۈەننىڭ يىبىندە ئولتۇرۇشلۇق گو جىشۇ بۇ قېتىم 30دىن ئارتۇق يۇرتدىشىنى باشلاپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10 – شىسى 184 – تۈەنىگە ئىشلەمچىلىككە كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئادەتتە بىر پاختا تېرىش پەسلىدە 8000 – 7000 مىڭ يۈەن پۇل تاپقىلى بولىدۇ، پۇت – قولى چاققانلار ئون نەچچە مىڭ يۈەن پۇل تاپالايدۇ، بۇ يىل تېخىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىپ ئۆيگە قايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
     —بۇ يىل پاختا تەرگۈچىلەر ئارىسىدا كوللېكتىپ يولۇچىلار ئاز، تارقاق يولۇچىلار كۆپ، ۋوگزال پاختا تەرگۈچى يولۇچىلارنىڭ سانى، ئوتتۇرا يولدا پويىز ئالمىشىدىغانلارنىڭ بارىدىغان يۆنىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بېلەت سېتىۋېلىش، پويىزغا چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، پاختا تەرگۈچىلەر پويىز كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىپ، ئوتتۇرا يولدا جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ پويىزىغا ئالمىشىدىغان پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش، ۋوگزالغا كىرىش، پويىز كۈتۈشىگە ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بەردى،  دېدى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ مەسئۇلى. ۋوگزال پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ ۋوگزالغا كىرىشى، ۋوگزالدىن چىقىشىغا ‹‹يېشىل يول›› ئېچىپ، پاختا تەرگۈچىلەرنى ۋوگزالغا تېز سۈرئەتتە تەرتىپلىك كىرىپ – چىقىشقا يېتەكلەيدىغان مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇردى.
    7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، تۇنجى پاختا تەرگۈچىلەر مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزى شىنجاڭغا كەلگەندىن باشلاپ 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنىگىچە، شاڭخەي، شەنشى، سىچۈەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن پاختا تەرگۈچىلەر مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزى 64كە يەتتى، شىنجاڭغا كېلىدىغان پاختا تەرگۈچىلەر 36 مىڭ ئادەم(قېتىم) توشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى