تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىگە تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە نۇقتىسى بولغان كېرىيە ناھىيەسىگە بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلدى ھەم خوتەن ۋىلايىتىدە ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

    9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە نۇقتىسى بولغان كېرىيە ناھىيەسىگە كېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسى شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىدە قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخان قۇربان ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىماقتا. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە نۇقتىسى بولغان كېرىيە ناھىيەسى ۋە خوتەن شەھىرىگە بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلدى ھەم خوتەن ۋىلايىتىدە ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك، دەل جايىدا كۈچەپ، ئەڭ قاتتىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    كوئېنلۇن تېغى ئېتىكى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چېن چۈەنگو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كېرىيە ناھىيەسى، خوتەن شەھىرىگە كېلىپ، نامرات كەنت، بازارلارغا بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبى، كىرىم مەنبەسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنچىكە ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. چېن چۈەنگو كەنتلەرنىڭ 1-شۇجىلىرى ۋە كەنت كادىرلىرىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تۇتۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامرات ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشنى تاپىلىدى. چېن چۈەنگو يەنە يۇرتداشلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ تۇرمۇش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلىق قالپىقىنى تەلتۆكۈس چۆرۈپ تاشلاشقا رىغبەتلەندۈردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، چېن چۈەنگو ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم، خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازارلىق پارتكومدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى خالۋاپ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 – شۇجىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.
    چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ئەھمىيىتىنى ئېنىق چۈشىنىش، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قىيىن، ئەڭ قاتتىق جەڭ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، سانى ئېنىق بولۇش، نامراتلارنىڭ تېگى-تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بەش دەرىجىلىك نامرات نوپۇسنىڭ ئۇچۇر ماتېرىيال ئامبىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىق تەڭشەشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پەرقلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق پەرقلەندۈرۈش، كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆلەش، چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق چېكىندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، يول ئېنىق بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى توغرا تېپىش كېرەك. نامراتلىشىشنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ‹‹ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش››نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئادەم، ئائىلە، كەنتكە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تۈزۈپ، نامرات ئاممىنى ھەقىقىي مەنپەئەتلىنەلەيدىغان، سىجىل تەرەققىي قىلالايدىغان، بېيىيالايدىغان قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئۆلچەم ئېنىق بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، شۇنداقلا ئۆلچەمنى ئۆستۈرمەسلىك، نەپسىنى يامان قىلماسلىق، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، شۇنداقلا پاسسىپلىق بىلەن ئاقسىتىپ قويماسلىق كېرەك. بەشىنچى، كەيپىيات دۇرۇس بولۇش، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دائىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ۋە ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاشنى يولغا قويۇپ، يۆنىلىشنى بېكىتىپ، قائىدىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، جەريانىنىڭ پۇختا، نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، مەبلەغ ئېنىق بولۇش، مەبلەغنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خامچوت ئىجراسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆلەش تۈرىنى جايىدا تاللاپ، مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ‹‹قان ئىشلەش ئىقتىدارى››نى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ھەر بىر پۇڭى، نامراتلارنى يۆلەش ھەر بىر تۈرىنىڭ نامرات ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېنىق بولۇش، ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىلغار ئۈلگە تىكلەپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، نامرات ئاممىنى ‹‹كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش›› ئىدىيەسىنى يېڭىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، نامرات ئاممىنى ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك. سەككىزىنچى، مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇش، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈش كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلاردىكى پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، خادىملارنىڭ تولۇق بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بىرىنچى مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى ۋە بايلىقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 – شۇجىسى زېھنىنى مۇقىملىقنى ساقلاش، تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. توققۇزىنچى، نىشان ئېنىق بولۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلار قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككىلىسىدە ھوسۇل ئېلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.
    كېرىيە ناھىيەسىدىكى مەزگىلدە، چېن چۈەنگو يەنە قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخان قۇربان ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى، ھال سورىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، چېن چۈەنگو توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دائىم تېلېفونلىشىپ، ئۇچۇر ئەۋەتىشىپ، ئۆزئارا يوقلىشىپ، ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى. تۇغقانلار دىدارلاشسا، مېھىر-مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن پاكىز ھويلىدا ئولتۇرۇپ، سەمىمىي، قىزغىن مۇڭداشتى. سۆزلەپ تەسىرلىك يېرىگە كەلگەندە، توختىخان ھاياجانلىنىپ كۆز يېشى قىلدى، ئىختىيارسىز ‹‹سالام ماۋجۇشى›› دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. چېن چۈەنگو توختىخاننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، پارلاق ئەتىسىنى بىرلىكتە يارىتىشىمىز كېرەك.
    چېن چۈەنگو شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان يۇرتداشلار، قولۇم-قوشنىلار بەس-بەستە توختىخان موماينىڭ ئىشىكى ئالدىغا توپلاشتى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى، يۇرتداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.