تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل لايىھە «ئاق بۇلغىما»نى تۈزىدى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتى %60كە يېتىپ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى «ئاق بۇلغىما» ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەنگەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىشنى تۈزەشنى تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا شۇ پەسىلدە كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدىكەن.
    سولياۋ يوپۇق يېپىش تېخنىكىسى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى «ئاق رەڭلىك ئىنقىلاب» بولۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھوسۇلى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە رولى كۆرۈنەرلىك. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەرلىكنىڭ تېرىلغۇ يېرىنىڭ سولياۋ يوپۇق بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى 38 مىليون مودىن، سولياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىلىدىغان زىرائەت 30 خىلدىن ئېشىپ، سولياۋ يوپۇق ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىدىن قالسىلا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سولياۋ يوپۇقنى ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ئىشلىتىش يىل چېكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇق يېزىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا ئېلىپ كەلگەن ‹‹ئاق بۇلغىما›› مەسىلىسى سەل قارىغىلى بولمايدىغان، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن بىر قەدەر گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىگە ئايلاندى.
    ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى مۇھىت، ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى مەخمۇت ئابدۇللانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى ئۈنۈملۈك يىغىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يىغىۋېلىپ پىششىقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سولياۋ يوپۇقنى پىششىقلاپ قايتا پايدىلىنىش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇلاش قاتارلىق يېشىل لايىھەلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن.
    «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش نىزامى» يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانچىلىق، سودا-سانائەت، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق تارماقلارنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى سولياۋ يوپۇقنى قاتتىق باشقۇرۇشىنى قانۇن قاتلىمىدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، ساختا، ناچار ۋە سۈپەتسىز سولياۋ يوپۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى ئوبوروتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، كېيىنكى قەدەمدە يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىشقا ئاساس سالدى. 2017-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشتىكى ئۈلگە ناھىيەدىن 40نى بەرپا قىلىپ، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش، سولياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇزارتىش تۈزۈمى، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يۆلەش-يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سىناق قىلىشنى پائال قانات يايدۇردى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 66 ناھىيە، شەھەر، رايون سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پىششىقلاش زاۋۇتىدىن 74نى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 42سى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى، كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋالىدىغان بىر تۈركۈم تور نۇقتىلىرىمۇ ئېتىز باشلىرىدا قۇرۇلۇپ، «كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇق نەگە بارىدۇ؟» دېگەن مەسىلە تەدرىجىي ھەل بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش زەنجىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پىششىقلاش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
    بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى مۇھىت ئاسراش، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ باش سۈيىدىن ئىلگىرى سولياۋ يوپۇقنى ئېچىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ باش سۈيىدىن ئىلگىرى سولياۋ يوپۇقنى ئېچىش خىزمىتى تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، يىغىۋېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
    مەخمۇت ئابدۇللا: سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سولياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا، دېدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، دېھقانلارنى يېتەكلەش، تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، سولياۋ يوپۇقنى ئىلمىي يېپىش، باشقۇرۇش، ئاسراش، بايلىقلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش، پايدىلىنىشتىكى تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، سولياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشكە ئامما قاتنىشىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا بالدۇرراق يېتىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى