تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشقا قەسەم قىلىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر مۇختەر مەمتىمىن

  مەن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئاتا–ئانامنىڭ تەلىم–تەربىيەسىدە، كىچىكىمدىنلا مەندە ئانا ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى يېتىلگەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى خەلققە ھەقىقىي ياخشى تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەچكە، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەر يولغا قويۇلغاچقا، ئاممىنىڭ قەلبى پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى.

  ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئاق–قارىنى ئاستىن–ئۈستۈن قىلىپ، ھەق–ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاممىنى ئالدىدى. قوشۇنىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بەزى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بىرلىشىپ بىر ئېقىندا بۇلغاندى، بۇ كىشىلەر پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئۇنتۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى، پارتىيەۋىلىكىنى يوقاتتى، بۇ مۇناپىقلار كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ تۇرۇقلۇق، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقتى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈكىنىمۇ كۆمگىدەك جاي قويماي، تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مەڭگۈلۈك مىخلىۋېتىشىمىز كېرەك.

  مەن ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ياخشى باشلامچىلاردىن بولىمەن، باشتىن–ئاخىر سىياسىيدا قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدىغۇچىلاردىن، باشلامچىلاردىن ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشقا يېتەكلەيمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا بايراقنى كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زەربىدارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىمەن.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشان ئارقىلىق ئىدىيە، ھەرىكىتىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ھەقىقىي قەلبىمگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن، ئاممىۋى خىزمەتنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىشانغا توغرىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى غەمدىن خالاس قىلىمەن، چىن قەلبىم، چىن ھېسسىياتىم، چىن مەقسىتىم بىلەن ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ئاممىغا تايىنىپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىمەن.

  مەن ئاممىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوزغاپ، كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە يېتەكلەيمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا مەيدانىمنى بىلدۈرۈپ، پاكىت سۆزلەپ، قائىدە چۈشەندۈرۈپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى سۆزلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى، رەزىل مەقسىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، تەشەببۇسكارلىق، باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە پائال تاقابىل تۇرىمەن. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئەتراپىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پائال ئېچىپ تاشلاپ، پاش قىلىپ، ئاشكارىلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي، كەسكىن ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن. پارتىيەگە سادىق بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى قەتئىيلىك، بىردەكلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، قاتتىق قول سېلىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى