تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 14–كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 14–كۈنى خەلق سارىيىدا ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مادۇرونىڭ 10–قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، مادۇرونىڭ جۇڭگو–ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە، جۇڭگو–ۋېنېزۇئېلا ھەمكارلىقىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو–ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىگە باشتىن–ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسلار ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا دوستانە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، جۇڭگو–ۋېنېزۇئېلا دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى سىياسىي ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى چۈشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى كۆزلەش تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى ئىچىدە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا ئورتاق قاتنىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرىكىدەكلا ئالغا سىلجىتىدۇ، جۇڭگو–لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق–ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مادۇرو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋېنېزۇئېلا–جۇڭگو خەلقلىرى ئۇزاقتىن بۇيان دوستانە ئۆتۈپ كەلگەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ۋېنېزۇئېلا–جۇڭگو مۇناسىۋىتى تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، كۈنسايىن مۇستەھكەملىنىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مېنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگودىكى زىيارىتىمدە، ئىككى تەرەپ كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولغانلىقىنى، ۋېنېزۇئېلا ھازىر ئالغا سىلجىتىۋاتقان ‹‹دۆلەت ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش پىلانى››غا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان چۈشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئېنېرگىيە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداشنى خالايمەن. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ جۇڭگو–لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو–لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى قاتارلىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا مادۇرونى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ياڭ جيېچى، چېن جۇ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، جېڭ جيەنباڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.