تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىدىكى ساياھەتچىلىكى قىزىپ كەتتى

ساياھەتچىلەر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدا سۇ ئوينىماقتا. (نيەن لېي فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى خەۋىرى: كۈز پەسلىدە شىنجاڭدا ساياھەت قىزغىنلىقى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردا تۈرلۈك ساياھەت بايرىمى قاتارلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ھەر خىل ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ ساياھەتچىلىككە كۈچ قوشماقتا.

  9-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو · ماناس 9-نۆۋەتلىك قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ساياھەتچىلەر بۇ جايدا پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشى، سۇلۇق يەر باغچىسى، ئورمان باغچىسى، قاشتېشى ۋە ھەر خىل غەلىتە تاش قاتارلىقلاردىن ھۇزۇر ئالالايدۇ.

    ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئالتاي تېغى ۋە تيانشان تېغىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىدىكى «ئېنېرگىيە تولۇقلاش بېكىتى» ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىشى ئارقىسىدا، ماناس سۇلۇق يېرىدە قىشلايدىغان ئاق قۇ، ئۇقار، قارنا قاتارلىق پەسىل قۇشلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ ئاق قۇنىڭ سانى 2011-يىلىدىكى 30 نەچچىدىن ھازىرقى 500نەچچىگە كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى