تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

باغراش ناھىيەسىدە 106 مىڭ مو پىگمېنتلىق لازا ئېتىزلارنى قىزىل رەڭگە «بويىدى»

    ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز خې ياڭ، خەي چاۋ خەۋىرى، فوتوسى: «لازا يۇرتى» دەپ نام ئالغان باغراش ناھىيەسى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، قىپقىزىل لازىلار قۇرۇتۇش مەيدانىغا يېيىتىلغان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. باغراش رايونىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، تۇپرىقى مۇنبەت، كۈن نۇرى يېتەرلىك بولۇپ، بۇ جايدا تېرىلغان لازىلارنىڭ قىزىل پىگمېنتى ۋە رەڭ قىممىتى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا سۈپىتى ئەلا بولۇپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، يىراق جايلاردىن شەندۇڭ، گەنسۇ، خېنەن قاتارلىق جايلارغا، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى ناھىيە بويىچە پىگمېنتلىق لازا تېرىقچىلىق كۆلىمى 106 مىڭ موغا، قۇرۇتۇلغان لازا مەھسۇلات مىقدارى 46 مىڭ توننىغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى