تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىپ، باش نىشاننى قەتئىي، كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ھەسەنجان ئەخمەت

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممە جايدا ھەر مىللەت ئامما قەلبداش بولۇپ، ھاللىق جەمئىيەتكە بىرلىكتە يۈرۈش قىلىشتەك مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

  مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر چەت، يىراق يېزىدا تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ خۇشال ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم، پارتىيەنىڭ كۆپ يىل غەمخورلۇق قىلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم. شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىمكى، پارتىيە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئورتاق يۇرت – ماكانىمىزنى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق، باياشات، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

  ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمە گۈللەنگەن، باياشات، ئىناقلىق، مۇقىملىققا يۈزلەنگەن سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار ۋەتەننى پارچىلاش، شىنجاڭنى مالىمان قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك يامان غەرىزىدىن يانمىدى؛ ئەتراپىمىزدا يەنە بەزى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بار، ئۇلار قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرىلەر، سەھنىدە بىر خىل، سەھنىدىن چۈشكەندە بىر خىل بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ھەممىدىن ئۈنلۈك شوئار توۋلاپ، ئاستىرتىن ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى بولدى. مەيلى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ياكى كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ زور توسالغۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلىشىغا، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن! مەن بۇ يەردە شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكىتىمدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، باشتىن – ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ھەرگىزمۇ سىياسىيدا ‹‹ھاماقەت››لەردىن، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن، ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدىغان ‹‹ياخشىچاق››لاردىن بولمايمەن!

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، باش نىشاننى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ئالدىدا مېڭىپ نەتىجە يارىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بېسىمىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىش ساداسىنى ئۆي ئەتراپى، ئېتىز – ئېرىق، كوچا – كويلارغىچە تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىپ، پاكىز يوقىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تۇپراق ۋە بوشلۇقنى ئورتاق يوقىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ياخشى باشلامچىلاردىن بولىمەن؛ قاتناش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆتتە ياخشى›› يېزا يولىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىنى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرىمەن؛ قاتناش – تىرانسپورت مۇلازىمەت سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، مەنزىرە رايونلىرى يولى ۋە مەنزىرىلىك يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم ‹‹ قاتناش+ساياھەت›› ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قاتناش – تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ۋۇجېن بازىرىنىڭ گۈزەل كېچە مەنزىرىسى
  • تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىردى
  • كۆنچى دەرياسىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئاق قۇلار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى