تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى بولىمەن

  قاراقاش ناھىيەلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەلچەم روزى

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمە گەپ قىلماي››، ‹‹ئىككى يۈزلىمە ئىش قىلماي››، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن.

  پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىشنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلمايمەن. مۇستەھكەم غايە – ئېتىقاد ۋە پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىمنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مۇتلەق ساداقىتىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.

  باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە يېتەكلەيمەن. ھازىرقى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، مەسئۇلىيەتنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى بولىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى  ـــ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولغان مىللەتلەر ئىناقلىقى، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ، دوستلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

  ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي، كەسكىن كۈرەش قىلىمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، بىز چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى