شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئالتۇن كۈزدە، باي ناھىيەسىنىڭ «كېسەي» ئۈزۈم بازىسىدىكى 12 مىڭ مو ئۈزۈمزارلىقتىن ھوسۇل ئېلىندى، دېھقانلار ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، ساندۇقلارغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل «كېسەي» ئۈزۈم بازىسىنىڭ ئۈزۈم ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 12 مىڭ توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.
باي ناھىيەسىنىڭ «كېسەي» ئۈزۈم بازىسى توققۇز يىللىق ئۆزگەرتىش نەتىجىسىدە، ئۈزۈم ئۆستۈرىدىغان چوڭ ئائىلىلەرنى بازىغا جەلپ قىلىپ، ئۆزگىچە تۇپراق، مۇھىت ئەۋزەللىكىنى تايانچ قىلىپ، ئۆستەڭ ياساپ، دەل-دەرەخ تىكىپ، ئەسلىدىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق چۆللۈكنى تەدرىجىي يېشىللاشتۇرۇپ، تۇتاش كەتكەن ئۈزۈمزارلىق، قاتار كەتكەن دەرەخلىك بەرپا قىلىپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۆستەڭلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك بوستانلىق پەيدا قىلدى.