تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–قېتىملىق يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش–تۈزەش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – قېتىملىق يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش – تۈزەش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  8– ئاينىڭ 2 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۈچ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – قېتىملىق يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تەكلىپلەرنى بېجىرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىپ لايىھەسى، تەكلىپلەرنىڭ ‹‹بېجىرىلىش نىسبىتى›› ۋە ۋەكىللەرنىڭ ‹‹رازى بولۇش نىسبىتى››نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىشنى دەل ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ مەسئۇل قىلىپ، بېجىرىش ۋاقىت جەدۋىلى، ئىش تەرتىپى پىلانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغۇچىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرغان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان قىسمەن ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى