تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

مەدەنىيەت–پەن–مائارىپ مەركىزى ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلدى

  ــــ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (4)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋفاڭ

  8– ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە، جۇڭگو – چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا كىرىش باش تېمىسىدىكى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى جۇڭگو شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلدى. زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، پاكىستان ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى مەخدۇم بابال چىن قەلبىدىن مۇنداق دېدى: ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش تەشەببۇسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش تەشەببۇسى››.

   ‹‹دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە خەلقلەر ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشىغا باغلىق، خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشى قەلبلەرنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق››. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئومۇملۇقىغا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئادىمىيەت، پەن – تېخنىكا، مائارىپ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مەدەنىيەت – پەن – مائارىپ مەركىزىنى جاسارەت بىلەن بەرپا قىلىپ، ئارىلىشىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ئەل قەلبى كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى. 

  يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى سۈرەتلەش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئادىمىيەت ئالاقىسى، ھەمكارلىقىمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ھەقىقىي قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىدىغان، ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمىيەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئارقا – ئارقىدىن ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مەدەنىيەت – پەن – مائارىپ مەركىزى (مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قىسمى) قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مەدەنىيەت – پەن – مائارىپ مەركىزى(مائارىپ قىسمى) قۇرۇش يىرىك پىلانى(2016 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› ۋە ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مەدەنىيەت – پەن – مائارىپ مەركىزى (پەن – تېخنىكا مەركىزى) قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا›› قاتارلىق بىريۈرۈش يىرىك پىلاننى يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مەدەنىيەت – پەن – مائارىپ مەركىزى ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ جىمىن مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇق، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، مەدەنىيەت – پەن – مائارىپ مەركىزى بەرپا قىلىشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە››.

  ـــ بىر تۈركۈم خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۇرسلۇق مەھسۇلاتى ۋە جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش؛ شىنجاڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش توپلىما رايونى بەرپا قىلىش؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت بايلىق مەنبەسى چوڭ رايونىدىن مەدەنىيەت راۋاجلانغان چوڭ رايونغا ئۆزگەرتىش نىشانىغا يېتىشنى تېزلىتىش.

  ـــ دۆلەت دەرىجىلىك بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا رايونىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلار بازىسى قۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، روشەن مۇجەسسەملەش كۈچى ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە بازىسى بەرپا قىلىش.

  ـــ خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى، جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالتە چوڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى، جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش بازىسى، ئىلىم – پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقات بازىسى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

  بۇ ئۈچ تۈرلۈك يىرىك پىلاندا سۈرەتلەنگەن گۈزەل كۆرۈنۈشكە ئاساسەن، شىنجاڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھەمكارلىشىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىۋاتىدۇ.

ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش

  مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق ئېسىللىشىدۇ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يۈكسىلىدۇ، مەدەنىيەت سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق گۈللىنىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› سودا يولى، تېخىمۇ مۇھىمى دوستلۇق يولى؛ ئۇ، ماددىي مەدەنىيلىك چەمبىرىكى، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىۋى مەدەنىيلىك چەمبىرىكى. تىيانشان تېغى چوققىسى ۋە ياۋروپا – ئاسىيا تاغ تىزمىسىدا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۇنياغا شىنجاڭغا نەزەر سالىدىغان يېپيېڭى كۆرۈش بۇلۇڭى يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا شىنجاڭغا ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مەدەنىيەت شەكلى ئارقىلىق دۇنيانى قۇچاقلاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مەدەنىيەت – پەن – مائارىپ مەركىزىنى قۇرۇش مەنزىلىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئالماشتۇرۇش – ھەمكارلىقنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تاشقى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئانتېنناسىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى...

  جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى، جۇڭگو ـــ ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ‹‹جۇڭگو – چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى››، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى... يۇقىرى سەۋىيەلىك تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋە ھەمكارلىق سۇپىلىرى شىنجاڭنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىناق، سەنئەت گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ئېچىۋېتىلگەن›› يېڭى ئوبرازىنى خەلقئارانىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

  يازغۇچى ئەكبەر مىجىت مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ـــ ئەلرايى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەتنى سىرتقا چىقىرىشنى كۈچەيتىش ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى، ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق، بۇ، ‹‹ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش››نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شىنجاڭ ئۆز ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەدەنىيەت كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

  پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى ۋە ئالغا سىلجىتىلدى؛ جۇڭگو ـــ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى قاتارلىق مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى؛ ‹‹جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇش›› پىلانىنى يولغا قويۇش ئالغا سىلجىتىلدى... پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەسىدە مۇقىم ئالغا سىلجىتىلغان بىر قاتار تۈر ۋە سۇپا شىنجاڭنى خەلقئارا پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنىڭ سۇپىسى ۋە ئاساسىغا ئايلاندۇرماقتا.

  ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش

  پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپ كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى يارىتىدىغان مۇھىم كۈچ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەسىدە خەلقئارالىق ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، چىقىرىپ، كىرگۈزۈپ، يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايون خەلقلىرى بىلەن بىللە، پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن بەخت – سائادىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، رايوننىڭ ئىقتىساد – سودا تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  نۇرغۇن كىشى ئادەتتىكى سامساقنى قورۇما تەييارلىغاندا تېتىتقۇ قىلىشقىلا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمما، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئايرىۋېلىنىپ قايتا ياسالغاندىن كېيىن، سامساق يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسەللىرىنى داۋالايدىغان يېڭى دورىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئاجايىپ ئۆزگەرتىش ماھارىتى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دىكى شىنجاڭ ئەيلېشىن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىدە كۈندە نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان سامساقتىن ئايرىۋېلىنغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنىپ سېتىلدى، بۇ، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە تۈرتكە بولۇپ، مۇكەممەل سامساق كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قىلىنغان نۇرغۇن ئىشلار ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات سىناق رايونىدا يېتىشتۈرۈلگەن كۆپلىگەن پەن – تېخنىكا كارخانىسىنىڭ بىر كارتىنىسى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات سىناق رايونى مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈرىدىن 126نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 174 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى مۆلچەرلىگەن؛ مۇھىم، زور پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىدىن 40نى ئىمزالىغان، سوممىسى 21 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى، جۇڭگو – تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي دورىگەرلىكتە يېڭىلىق يارىتىش – دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش خەلقئارا ھەمكارلىق بازىسى، قاراماي جۇڭگو – ئەنگلىيە بىرلەشمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش – يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، شىخەنزە جۇڭگو – گوللاندىيە خەلقئارا نەسىل يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق بازىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەرەلسىز ھالدا خەلقئارالاشقان پەن – تېخنىكا كۇرسى ئېچىش شىنجاڭدىكى پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا دائىملىق ئەھۋالغا ئايلاندى، تەربىيەلەش مەزمۇنى داۋالاش، فوتوۋولت كەسپى، ئېنېرگىيە ئېچىش، چارۋىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالاقە شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى نۇرزات ۋەتىنىگە قايتماي تۇرۇپلا، يۇرتى قىرغىزىستاندىكى جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان كارخانىسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، تەرجىمان بولدى.

  نۇرزات ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىن نەپ ئالغۇچى. دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە ياتاق پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپلا قالماي، ئۇ يەنە ھەر ئايدا 3000 يۈەن تۇرمۇش پۇلى ئالدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيا ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭدا يەنە ناھايىتى كۆپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن بىر قەدەر ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالى بولۇش ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تاشقى مائارىپ سالمىقى سىجىل ئېشىپ، قەرەللىك ھالدا دۆلەت مائارىپ مۇنبىرى ۋە ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مۇھىم بازىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى.

  ھازىر شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياشلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشىدىكى ئاساسلىق مەنزىلگاھى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى