تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

  مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 6–قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىشنى قارارقىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 18 – كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 6 – قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا 6 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – قېتىملىق يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(تۈزىتىلمە لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھە)›› قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھاراق باشقۇرۇش نىزامى››نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ، ‹‹<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى> قاتارلىق يەتتە يەرلىك نىزامنى مەركەزلىك تۈزىتىش توغرىسىدا (لايىھە)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى(تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى(لايىھە)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى(لايىھە)›› قاراپ چىقىلىدۇ؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى››نى تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹قاراماي شەھىرىنىڭ بوران ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى››نى تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ؛ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)›› قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ. كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ 2018 – يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ 2018 – يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىجراسى ئەھۋالى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ 2017 – يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى