تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ‹‹شىنجاڭ بوغدا كۆلى بوغدا چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2018 – يىلىدىن 2027 – يىلىغىچە)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمەت لايىھەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى باھالاش – تەكشۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى›› مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ بوغدا كۆلى بوغدا چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا ئىگە، ئۇ تۈرى مول جانلىقلار بايلىقىنى ھاسىل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرىنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ‹‹شىنجاڭ بوغدا كۆلى بوغدا چوققىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2018 – يىلىدىن 2027 – يىلىغىچە)››نى تۈزۈشتە بۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇپ قۇرۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دائىرىسى، خاراكتېرى، تۈرى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا بەلگىلەشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنغان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ‹‹ئۈچ چوڭ جېڭى››نىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمەت لايىھەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى باھالاش – تەكشۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى تۈزۈپ چىقىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىشانىنى تاماملاش ئەھۋالى ۋە تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نۇقتىلىق خىزمىتىنى تاماملاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا چىقارغان بۇيرۇقى بولۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››نى تۈزۈپ چىقتى. جايلار ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى