تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭنى نازارەت قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى مەركەزلىك يېڭىپ، نېمە ئۈچۈن يۆلەش، كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش، قانداق چېكىندۈرۈش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىشەنچنى چىڭىتىش بىلەن بىللە، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچى، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، چىڭىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇل بولۇش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بېسىمنى دەرىجىمۇدەرىجە يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام كۈچەيتىش كېرەك. نامرات ناھىيەلەرنىڭ پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشى، ئۇدا جەڭ قىلىشى، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، نىشان، ئۆلچەمنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم ئالدىراقسانلىق، قاراملىق قىلماي، پاسسىپلىق بىلەن ئاقسىتىپ قويماي، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرى قويماي، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، نىشاننى ئۆزگەرتمەي، بىرمۇ كەنت، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئاھالىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دەل جايىدا بولۇش تەلىپىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش››نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹باستۇرۇپ سۇغىرىش››نى ‹‹تۈجۈپىلەپ تېمىتىپ سۇغىرىش››قا ئۆزگەرتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامراتلىق قاتتىق ئۆتكىلىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۆسۈپ ئۆتۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئايلىنىپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئايلىنىپ تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، مەخسۇس تۈزەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتكە كۈچ چىقارمىغان، تەدبىردە شەكىلۋازلىق قىلغان، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ساختىلىق قىلغان، سۆلەتۋازلىق قىلغان، سانلىق مەلۇماتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئۇلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش؛ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغان، يۆتكەپ ئىشلەتكەن، تۇتۇپ قېلىپ ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان، يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋالغان، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بۇزۇپ – چېچىپ ئىسراپ قىلغان، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، نامرات ئاممىغا قولىنى سوزۇشقا پېتىنغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك.

  ئالتىنچى، نامراتلارنى يۆلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارى گەۋدىلىك كادىرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىرىنچى سېپىگە سەپلەپ، نامرات ناھىيە، نامرات يېزا – بازارلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت باش ۋەزىپىدىكى رەھبەرلىرىنىڭ نىسپىي تۇراقلىقنى ساقلاپ، 1 – شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى ياخشى تاللاپ ۋە كۈچلۈك سەپلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى چۈشىنىدىغان، نامراتلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان ۋە ئۇلارنى يۆلىيەلەيدىغان، ئىستىلى دۇرۇس نامراتلارنى يۆلەش كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. نامرات ئاممىنى ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ‹‹كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش›› ئىدىيەسىنى يېڭىپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىش، تىجارەت قىلىش ئاساسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ باي بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرەپ›› دەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، تەكشۈرۈپ باھالاشنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى يىللىق باھالاشنىڭ ئاساسىي كۆرسەتكۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىي نەتىجىسىنى كادىرلارنى باھالاپ مۇكاپاتلاش – جازالاش، تاللاش – ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك. باھالاش نەتىجىسىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشىلىرىنى تەقدىرلەش – مۇكاپاتلاش، ناچارلىرىنى سۆزلىشىشكە چاقىرىش، تەرتىپكە سېلىش، ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش يۆنىلىشىنى تىكلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش قائىدىسىنى چىڭىتىش كېرەك.

  توققۇزىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىيالېكتىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ‹‹پىيانىنو›› چېلىشقا ماھىر بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياخشى مۇھىت يارىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىدە ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۈنلىن، با دەي، جەرۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چۇڭجيۇ، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، ياڭ يۇڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى