فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پەن-تېخنىكا بويىچە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىمى لۇ يۈدوڭ (ئوتتۇرىدا) 9-ئاينىڭ 13-كۈنى فۇجيەن «شېڭخۇا» دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە بۇ شىركەتنىڭ تەتقىقات مەخسۇس خادىمى تەن چىڭچىڭ (سولدىن بىرىنچى)، تەكشۈرۈش خادىمى چېن شياۋلى بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: فۇجيەن ئۆلكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا بويىچە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ خىزمەت تۈزۈمىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ، يېزىلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ يېڭىلىق يارىتىش،يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش كەڭ سەھنىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلدى. بۇ يىل ئۆلكە بويىچە جەمئىي 2483 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا بويىچە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىم كەنتلەردە تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئەقىل پاراسىتىنى بېغىشلىدى.