تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

شاڭخەي ۋە ھامبۇرگ شەھىرى ھەمكارلىشىپ گېرمانىيەدە جۇڭگو تېبابىتى بويىچە ئاسپىرانت تەربىيەلەيدىكەن

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە، مېھمانلار شاڭخەي ـــ ھامبۇرگ جۇڭگو تېبابىتى ئاسپىرانتلار تۈرى بويىچە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ھەمدە جۇڭگو تېبابىتى كۈتۈنۈش مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ لېنتىسىنى كەسمەكتە. (دەن يۈچى فوتوسى)
   
     شىنخۇا تورى خەۋىرى. تۇنجى نۆۋەتلىك شاڭخەي ــــ ھامبۇرگ جۇڭگو تېبابىتى ئاسپىرانتلار تۈرى بويىچە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ھەمدە جۇڭگو تېبابىتى كۈتۈنۈش مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شاڭخەي ــــ ھامبۇرگ جۇڭگو تېبابىتى ئاسپىرانتلار تۈرى ئاساسلىقى ياۋروپادىكى غەرب تېبابىتى دوختۇرلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل ئىكەن، ئوقۇشنى تاماملىغۇچىلارغا شاڭخەي جۇڭگو تېبابىتى ۋە دورىگەرلىك داشۆسى تارقاتقان مۇناسىۋەتلىك كەسپىي تېببىي ماگىستىرلىق ئۇنۋانى تارقىتىلىدىكەن. ھامبۇرگ جۇڭگو تېبابىتى كۈتۈنۈش مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى