تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى ئومۇملاشتۇرۇلدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. ھەر كۈنى سەھەر ۋە كەچقۇرۇندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئەتراپى كىشىلەر توپلىشىپ قىزىپ كېتىدۇ. ھەر مىللەت ئامما تەرەپ-تەرەپلەردىن بۇ يەرگە كېلىپ، بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، تىكتاك توپ ئوينايدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ... بۇ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر كارتىنىسى.

  مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈلگەن.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەركىزى مەيدان-ساراي بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تەنتەربىيە مەيدانى، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىش تەدبىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرىغا مەيدان، يورۇتۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىگەن.

  تەنتەربىيە مەركىزى ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، پەي توپ، ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرىغا پائالىيەت مەيدانى تەمىنلىگەن ھەم ئاممىۋى سورۇندا تەرتىپ ساقلاشقا ۋە مۇھىت تازىلىقى نازارىتى، باشقۇرۇشى، مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە موللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئومۇشلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ يىل 8-ئايغا قەدەر بۇ مەركەز بەدەن چېنىقتۇرىدىغان 320 مىڭ ئادەم/قېتىمنى كۈتۈۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى