9-ئاينىڭ 12-كۈنى، يېڭى زېلاندىيە پايتەختى ۋېللىنگتوندىكى مارسدېن قىزلار مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە گو خۇڭلى (ئوڭدىن 2-كىشى) بىرلىكتە ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى لەگلىكىنى ئۇچۇرتماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيەدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋېيفاڭ لەگلەك ياساش ۋە ئۇچۇرۇش پائالىيىتى سىناق دەرسى سۈپىتىدە ۋېللىنگتوندىكى مارسدېن قىزلار مەكتىپىگە كىرگۈزۈلدى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدىن كەلگەن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى لەگلەكنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى گو خۇڭلى يېڭى زېلاندىيەدىكى بالىلارغا ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى لەگلىكىنى ياساش ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، كۆپچىلىكنى قول سېلىپ لەگلەك ياساش ۋە ئۇچۇرۇشقا يېتەكلەپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. (گو لېي فوتوسى)