تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قان بېسىمى نېمە ئۈچۈن بەزىدە تۆۋەن، بەزىدە يۇقىرى بولىدۇ ؟

 

  يۇقىرى قان بېسىمى شەكىللىنىشنىڭ سەۋەبى ھەرخىل، بىراق، ئۇنى نورمالسىز قىلىدىغان تاشقى ئامىللارنىڭ «قائىدە»سى بولىدۇ. ئادەتتە، يەتتە خىل ئامىل قان بېسىمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  1. ياش ۋە جىنىس

  بوۋاق مەزگىلىدىن يېتىلىش مەزگىلىگىچە بولغان جەرياندا قان بېسىمى تېز ئۆرلەيدۇ؛ قۇرامىغا يەتكەندە قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى ئاستىلايدۇ، كېيىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قان بېسىمى يەنە يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 40 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 15~39 ياشتىكىلەردىن 3.4 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. قىسقىراش بېسىمى 35 ياشتىن باشلاپ ئۆرلەيدىغان بولۇپ، ھەر بەش ياشتا 4 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى؛ بوشىشىش بېسىمى 30 ياشتىن باشلاپ ئۆرلەيدىغان بولۇپ، ھەر بەش ياشتا 1.5 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ئۆرلەيدىكەن. جىنس جەھەتتە، قان بېسىم سەۋىيەسى ئوخشاش ئەھۋالدا، ئەرلەرنىڭ يامان خاراكتېردىكى قان بېسىمى كېسەللىكىگە تەرەققىي قىلىش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى، ئالدىنى ئېلىشمۇ ئاياللاردىن ناچار بولىدىكەن. ئاياللاردا 45 -50 ياشقىچە قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى تېز بولىدىكەن، بولۇپمۇ قىسقىراش بېسىمى يۇقىرى بولىدىكەن، بۇ كېلىماكتېرىيە دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  2. كىلىمات ئۆزگىرىشى. تەكشۈرۈلۈشىچە، سوغۇق رايوندىكىلەرنىڭ قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئىسسىق رايوندىكىلەردىن يۇقىرى بولىدىكەن. قان بېسىمى ھاۋارايى ئۆزگىرىشى بويىچە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، ھاۋا ئىسسىغاندا قان بېسىم چۈشىدىكەن؛ ھاۋا سوۋۇغاندا قان بېسىمىمۇ ئۆرلەيدىكەن.

  3. كېچە-كۈندۈز تەرتىپى. كېچە بىلەن كۈندۈزدىمۇ قان بېسىمىنڭ ئۆزگىرىشى ئوخشىمايدىكەن، كېچىدە ئۇيقۇنىڭ تەسىرىدە قان بېسىم چۈشۈپ، كۈندۈزى ھەرىكەتتە قان بېسىم ئۆرلەيدىكەن.

  4. روھىي ھالەت ۋە جىسمانىي پائالىيەت تەسىرىدە قان بېسىمىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىكەن. چېنىققاندا، تاماق يېگەندە، ئاچچىقلانغاندا، ھاياجانلانغاندا، چۈش كۆرگەندە، چوڭ تەرەت قىلغاندا قان بېسىم ئۆرلەيدىغان بولۇپ، ئۇخلىغاندا، ئارام ئالغاندا، جىمجىت مۇھىتتا قان بېسىم چۈشىدىكەن.

  5. تۇرمۇش ئۇسۇلى. تاماكا چېكىش قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبى، ھاراق ئىچىش قان بېسىمنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدىكەن، قوبۇل قىلىنغان تۇز ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسىمۇ قان بېسىم ئۆرلەيدىكەن. شۇڭا سالامەتلىك ئۈچۈن ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەككەن.

  6. دورا خاراكتېرلىك قان بېسىم ئۆزگىرىشى. بەزى دورىلار قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان بولۇپ، قەنت پوستلاق ھورمونى، ئېغىزدىن ئىچىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىسى، ئېفېدرىن، سودا قاتارلىقلار.

  7. باشقىلار. ئۆرە تۇرغاندا قان بېسىم ياتقان چاغدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، تاماق يېگەندىمۇ قان بېسىم يۇقىرى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى