تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەپچىل چارىلەر

    شورپا بەك تۇزلۇق بولۇپ كەتكەندە
    شورپا قايناتقاندا بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپرەك سېلىۋېتىپ قالىمىز، بۇ چاغدا شورپىغا ياڭيۇدىن بىر قانچە پارچە توغراپ سېلىپ قاينىتىۋەتسەك، ياڭيۇ شورپىدىكى تۇز تەركىبىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ.

    قانداق قىلغاندا دۇفۇ ئاسان ئېزىلىپ كەتمەيدۇ؟
    يۇمشاق دۇفۇنى قورۇغاندا ئاسانلا ئېزىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا دۇفۇنى قورۇشتىن ئاۋۋال مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىنغان سۇغا 30 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويساق ئاسان ئېزىلىپ كەتمەيدۇ.

    پېچىنە - پىرەنىكلەرنىڭ چۈرۈك ھالىتىنى ساقلاش
    پېچىنە-پىرەنىكلەرنى قۇتىغا سېلىپ ساقلاشقا توغرا كەلسە، قۇتىغا بىر تال چاقماق قەنت سېلىپ قويساق، چاقماق قەنت قۇتا ئىچىدىكى نەملىكنى ئۆزىگە تارتىپ، پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ چۈرۈك ھالەتنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

    گاڭپەننى مەززىلىك قىلىش
    گۈرۈچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، سۇغا بىر نەچچە تېمىم لىمون شىرنىسى تېمىتىۋەتسەك، گاڭپەن مەززىلىك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى