تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بۇ جايلار ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشىغا ماس كەلمەيدۇ

دوڭنەن داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيا ياڭ

  ياشانغانلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى ياخشى ئىش، ئۇنىڭ ساغلاملىققا ۋە كەيپىياتقا زور پايدىسى بار. لېكىن، بەدەن چېنىقتۇرۇشتىمۇ ئورۇننى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئورۇن ياشانغانلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ماس كەلمەيدۇ.

  1. ئېگىز بىنالار ئارىلىقى. ھازىر ئاز بولمىغان ياشانغانلار ئۆيىدىن چىقىپلا بىنانىڭ ئالدىدا چېنىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىنانىڭ ئارىلىقىدىن چىققان شامال ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز بولۇپ، بۇ شامال ھەرىكەتنىڭ پايدىسىنى كۆرسەتمەستىن، ئەكسىچە ياشانغانلارنى ئاسانلا زۇكام قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

  2. يول بويى. شەھەر قاتنىشى ئىنتايىن قىستاڭچىلىق. ياشانغانلار يول بويىدا چېنىققاندا ئاپتوموبىل ۋەقەسىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوللاردا شاۋقۇن يۇقىرى بولغاچقا، ياشانغانلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. يەنە ئۇچۇپ يۈرگەن چاڭ-توزانلار نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  3. بەك قاراڭغۇ ياكى بەك يورۇق ئورۇنلار. بەك قاراڭغۇ جايلاردا چېنىققاندا ياشانغانلار يىقىلىپ چۈشۈپ زەخمىلىنىشى؛ بەك يورۇق جايدا چېنىققاندا بەدەن چېنىقتۇرغاندا باش قېيىش، تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  4. سەھەردە دەرەخ ئاستىدا چېنىقىش. سەھەردە قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، دەل-دەرەخلەر فوتوسىنتېز خىزمىتىنى باشلىمايدىغان بولۇپ، كاربون (4) ئوكسىد بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار ئەتىگەندە چېنىققاندا ئورۇننى چوقۇم ياخشى تاللىشى كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى