تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

باغراشتا تىيانشان قىسقۇچپاقىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

  ۋاڭ جىگاڭ باغراش ناھىيەسى تىيانشان قىسقۇچپاقىسىنى كىشىلەرگە كۆرسەتمەكتە.

   9-ئاينىڭ 11-كۈنى، باغراش ناھىيەسى لاۋخۇتەن تيانشان يولۋاس قىسقۇچپاقىسى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىگاڭ بازىدا بېقىلغان تىيانشان يولۋاس قىسقۇچپاقىسىنىڭ بېقىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قىسقۇچپاقىلار جوڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن بازارغا سېلىنىدىكەن. بۇ چاغدا ساياھەتچىلەر لاۋخۇتەن قىسقۇچپاقا باغچىسىغا بېرىپ، نەق مەيداندا قىسقۇچپاقا تۇتۇپ سېتىۋالسا بولىدىكەن.

  باغراش ناھىيەسى تىيانشان يولۋاس قىسقۇچپاقىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا قويۇپ بېرىلىپ، تەبىئىي چوڭ بولغان چوڭ قىسقۇچپاقىلار بولۇپ، قىسقۇچپاقا بالىلىرى بىر يېرىم يىلدا چوڭ بولىدۇ. باغراش كۆلىنىڭ سۈپىتى ياخشى، تۇتاش كەتكەن قومۇشلۇق ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى قىسقۇچپاقا بېقىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، باغراش ناھىيەسى تىيانشان يولۋاس قىسقۇچپاقىسى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ قىسقۇچپاقا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 20 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، نۆۋەتتە، شاڭخەي، جېجياڭ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا بازار تاپقان.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

  (خې ياڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى