تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ياپونىيەدە ساياھەت قىلىۋاتقان مۈشۈكئېيىق «لاڭباڭ»نىڭ بالىسى ساياھەتچىلەر بىلەن «كۆرۈشتى»

  خەلق تورى خەۋىرى: ياپونىيە ۋاكايامادا ئالدىنقى ئايدا تۇغۇلغان مۈشۈكئېيىق بالىسى شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى «تەۋەككۈل دۇنياسى» باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش يىغىنىدا كۆپچىلىك بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى. بۇ مۈشۈكئېيىق بالىسىغا ئىسىم تاللاش پائالىيتىمۇ شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلدى.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مۈشۈكئېيىق بالىسىنى ياپونىيە ۋاكايامادىكى «تەۋەككۈل دۇنياسى» باغچىسىدا تۇرۇۋاتقان مۈشۈكئېيىق «لاڭباڭ» ئالدىنقى ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغقان بولۇپ، يېقىندا، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن بۇ مۈشۈكئېييىق بالىسىغا ئىسىم تاللاش باشلانغان. يېڭىدىن تۇغۇلغان مۈشۈكئېيىق بالىسى چىشى بولۇپ، تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى پەقەت 75 گىرام كەلگەن،  ھازىرقى ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 604 گىرامغا چىققان. 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، ساياھەتچىلەر ھەر كۈنى ئىككى قېتىم بۇ مۈشۈكئېيىق بالىسىنى كۆرسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى