تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دېھقان چېن لياڭيۈ: يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولدى

دېھقان چېن يۈلياڭ  9-ئاينىڭ 12-كۈنى شاللىرىنىڭ دان تۇتۇش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: كۈز كېلىشى بىلەن، ئەنخۇي ئۆلكىسى فېيشى ناھىيەسى شەننەن بازىرىنىڭ شياۋجىڭجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقان چېن لياڭيۈ يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن چېن لياڭيۇ ئىلگىرى دېھقانچىلىق ماشىنىسى ھەيدەيدىغان بولۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا دېھقانچىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاشلىقىنى ئورۇپ بېرەتتى. ئاشلىق تېرىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن چېن لياڭيۈ 2015-يىلىدىن باشلاپ 350 مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ شال تېرىدى. چېن لياڭيۈ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شاللار پىشىپ، ئورۇش مەزگىلىگە كىردى. بىز 100 مودىن ئارتۇق شالنى ئورۇشقا تەييارلاندۇق، ھەربىر مو يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 1000 جىڭدىن ئاشىدۇ، دېھقان ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ مول ھوسۇل ھېسابلىنىدۇ. چېن لياڭيۈ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆلەملەشتۈرۈشنىڭ مېۋىسىنى تېتىدى، ئۇ ئاشلىق تېرىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنسېرى كېيىنكى قەدەمدە كۆتۈرىگە ئالغان يەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جۈنشى فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى