يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەلىك 24 ياشلىق ئىنژېنېر كۇئىرىن خېرتېرىچ نورۋېگىيەنىڭ سېنيا ئارىلىدىكى سىلوۋلوۋات كۆلى ئۈستىگە تارتىلغان 2800 مېتىرلىق ئارقاندا مېڭىشقا جەڭ ئېلان قىلىپ، 3 سائەت 5 مىنۇتتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نىشانغا يېتىپ بارغان.
كۇئىرىن مۇنداق دېگەن: مەن ئىلگىرىمۇ ئارقاندا مېڭىشقا جەڭ ئېلان قىلغان، بىراق بۇ قېتىم تولىمۇ ھاياجانلاندىم. مېنىڭ پەقەت بىر قېتىم پۇرسىتىم بار، بۇ جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ تاملايدىغان ئىش. باشتا جىددىيلەشكەن ئىدىم، ئەمما ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. ماڭا ۋاقىت خۇددى توختاپ قالغاندەكلا تۇيۇلدى. ئارقىدىن مەن ماڭغان ھەربىر قەدىمىمدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ماڭدىم، بۇ ئەتراپنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەكلا گۈزەل ئىكەن.