تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن

  ئاقسۇ گېزىتخانىسى مۇخبىرلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى توختى ئەرشىدىن

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئورتاق ياشاپ كەلگەن ماكان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن، بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈرگەن. تارىخىي تەرەققىيات بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ، شان – شەرەپ، زىيان – زەخمەت ھەممىگە ئورتاق. ھەرقايسى مىللەتلەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىغاندىلا، ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ، ئۈمىدكە تولىدۇ. جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  مەن دائىم مۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىمەن، نېمە ئۈچۈن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمە بىر قىسىم ئاممىنى، ھەتتا ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەيدۇ؟ مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بىر قىسىم كىشىلەردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئاجىزلىشىشىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ئاساسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مەيدانىنى يوقىتىشقا سەۋەبچى بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  مەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مۇرەككەپ، ئۆتكۈر، بۇ ھالقىلىق مەزگىلدە، مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسىمنى چىڭىتىپ، ھەر بىر ھۈجەيرەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزۈمنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، سىياسىي ئىنتىزامغا، سىياسىي قائىدىگە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن، تونۇشتا بىردەك بولۇپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىمەن، پوزىتسىيەدە كەسكىن بولۇپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ، تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىمنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىمەن.

  مەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت مىننەتدارلىق قەلبىمنى ساقلايمەن. مەن پارتىيەگە ۋە ماۋ جۇشىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغان قۇربان تۇلۇم تاغىنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ، ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››نى يازغان يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مېنى تەربىيەلىگەن، يېتىشتۈرگەن ئەجرىنى يەردە قويماي، ھەققانىيەت سادايىم، قەتئىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي، كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىمەن، پولاتتەك سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  مەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن. پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئارزۇغا ئىنتىلىش، قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىمەن. مەن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ، ‹‹جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش›› دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپچىلىككە بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل ئەتىنى يارىتىشنى تەشۋىق قىلىمەن ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى