كاۋاپقا لىمون سۈيى قوشۇش
كاۋاپ ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن، كاۋاپقا بىر نەچچە تامچە لىمون سۈيى تېمىتىۋەتكەندە، كاۋاپ تېخىمۇ مەززىلىك ھەم يېيىشلىك بولىدۇ ھەمدە لىموندىكى ۋىتامىن C قاقلاپ پىشۇرۇلغان كاۋاپ تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە قارشى تۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.
لىمون شۆپىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش
كۈندىلىك تۇرمۇشتا لىموننى پارچىلاپ سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا سېلىپ، ئازراق قەنت قوشۇپ ئىستېمال قىلىش كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. ئۇنداقتا، لىمون شۆپىكىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟
لىمون شۆپىكىنى تاشلىۋەتمەي يۈز يۇيىدىغان ياكى يۇيۇنىدىغان سۇغا چىلاپ يۈزنى يۇيسا ياكى يۇيۇنسا تېرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاقارتىش مەقستىگە يەتكىلى بولىدىكەن.
گۈل چىلىغان سۇغا ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇش ئارقىلىق گۈلنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش
يېڭى ئۈزۈلگەن گۈل تېزلا قۇرۇپ قالغاچقا، ساقلاش تەسكە توختايدۇ. ئەگەر گۈل چىلىغان سۇغا بىر نەچچە تامچە ئاق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ، گۈل شېخىنىڭ ئاستى تەرىپىنى ئازراق كېسىپ قويساق، گۈلنى ئۇزۇنراق ساقلىغىلى بولىدۇ.