تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا پائال يېتەكلەيمەن

  گۇچۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خېجىلۇڭ

  مەن ئوقۇغان ئالىي مەكتەپ ـــ غەربىي شىمال مىللەتلەر شۆيۈەنى (ھازىرقى غەربىي شىمال مىللەتلەر داشۆسى) ئۇيغۇر، قازاق، زاڭزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن مەكتەپ. ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا، مەن ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم، كەسىپ ئۆگەنگەندىن سىرت، غەربىي شىمال، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخىنى چۈشەندىم، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭدىكى دىنلار، شىنجاڭنىڭ تارىخى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتىم. شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون قاتارلىق تارىخىي پاكىت ۋە قاراش ئاللىبۇرۇن مېنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.

  لېكىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرمىچىلىك قىلىشى توختاپ قالمىدى، قىسمەن كىشىلەر ئىلمىي تەتقىقاتنى دەستەك قىلىپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتى. ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىم ماڭا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇتتى، مەن شۇ چاغدىن باشلاپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىن قاتتىق يىرگىنىدىغان، قاتتىق ھوشيار تۇرىدىغان بولدۇم.

  مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ خىزمەتكە قاتناشقان بۇ يىللاردا، مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي قائىدىلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، سەپسەتە ۋە بىمەنە گەپ – سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇرمىلاپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى، ئىقتىسادىي تۈزۈم، قانۇن – قائىدە، مەدەنىيەت – سەنئەت، ئەدەب – ئەخلاق، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىكى ئەڭ رېئال، ئەڭ بىۋاسىتە ئېغىر خەۋپكە ئايلاندى، جەزمەن ئۇلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، ئۇلارنى ئۈزۈل – كېسىل، تولۇق يوقىتىش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى خەلق ئاممىسىغا بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلدى، بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

  قۇدرەتلىك ۋەتەندە، كۆپ مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان، گۈزەل، باي، ئاۋات شىنجاڭدا تۇغۇلغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەكمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن. بۇ گۈزەل تۇپراقتا ‹‹خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ››. يۇرتۇم گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىدى بازىرى خەنگۇ كەنتى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئېجىل – ئىناق ئۆتمەكتە. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم. ئائىلەمدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولغاچقا، كەنتىمىزدىكى ھەر مىللەت يۇرتداشلار كەنتتە يىغىن ئېچىپ، ئائىلىمىز تۆلەشكە تېگىشلىك قالدۇرۇق ۋە غەملىمە پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى بىردەك تەلەپ قىلىپ، ئائىلىمىزنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مېنىڭ ئالىي مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزۈشۈمگە شارائىت يارىتىپ بەردى، مەن بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمەن. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولدۇم، كېيىن گۇچۇڭ ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە يۆتكەلدىم، پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇپ، ئىقتىدارىم ۋە ئەقىل – پاراسىتىم ئارقىلىق يۇرتۇمنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلىدىم.

  ئاز سانلىق مىللەت ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي باش تارتماستىن، قەتئىي، كەسكىن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات جامائەت پىكرى بازىسىنى ياخشى قوغدايمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى