تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ئۈچ خىل نۇسخىدىكى يېڭى iPhone رەسمىي ئېلان قىلىندى

ئۈچ خىل نۇسخىدىكى يېڭى iPhoneنىڭ سۈرىتى

  خەلق تورى خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت 1:00دە، ئالما شىركىتى ئامېرىكىدا ئۈچ خىل نۇسخىدىكى يېڭى iPhone ۋە 4-ئەۋلاد Apple Watchنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۈچ خىل نۇسخىدىكى iPhone نىڭ دۆلەت بانكىسىدا سېتىلىش باھاسى 6499 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، ئەڭ قىممىتىنىڭ باھاسى 12 مىڭ 799 يۈەن ئىكەن.

  ئۈچ خىل نۇسخىدىكى iPhone ئايرىم-ئايرىم ھالدا iPhone XS، iPhone XS Max، iPhone XR دىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بازارلىرىغا قارىتا، iPhone XS ھەمدە iPhone XS Max يانفونىغا ئالاھىدە كارتا سالغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئىككى SIM كارتىسىنى قوللايدىكەن، ئىككى كارتىغا ئىككى خىل مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن.

  يېڭى iPhone XS سىستېمىسىدىكى يانفوننىڭ WiFi ھەمدە سانلىق مەلۇمات يوللاش ئىقتىدارى تېخىمۇ تۇراقلىق بولۇپ، يېڭى تېخنىكا ۋە تەڭشەش ئۇسۇلى بىلەن سىمسىز تورنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈش سۈرئىتى تېزلىتىلگەن.

  نۆۋەتتە، ئالما شىركىتى توردا بۇ ئۈچ خىل نۇسخىدىكى iPhoneنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش باھاسىنى چىقارغان بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدە iPhone XSنىڭ سېتىلىش باھاسى 8699 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە 64GBلىقنىڭ باھاسى 8699 يۈەن، 256GBلىقنىڭ باھاسى 10 مىڭ 99 يۈەن، 512GBلىقنىڭ باھاسى 11 مىڭ 899 يۈەن ئىكەن؛ iPhone XS Maxنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى 9599 يۈەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 64GBلىقنىڭ باھاسى 9599 يۈەن، 256GBلىقنىڭ باھاسى 10 مىڭ 999 يۈەن، 512GBلىقنىڭ باھاسى 12 مىڭ 799 يۈەن ئىكەن؛ iPhone XRنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى 6499 يۈەندىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 64GBلىقنىڭ باھاسى 6499 يۈەن، 128GBلىقنىڭ باھاسى 6999 يۈەن، 256GBلىقنىڭ باھاسى 7899 يۈەن ئىكەن، بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن 3:01تىن باشلاپ زاكازنى قوبۇل قىلىشقا، 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي سېتىشقا باشلايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى