تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە ‹‹دېڭىز–ئوكيان›› پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

  9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن جۇڭگو، رۇسىيە ياش – ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى ۋە مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىلادىۋوستوك، 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ليۇ خۇا، مېڭ نا، خاۋ ۋېيۋېي). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ۋىلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

  شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، پۇتىننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تامدىكى ئەينى يىلى جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىن كەلگەن بالىلارنىڭ رۇسىيەدە داۋالىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىللە تىياتىرخانىغا بېرىپ، ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزى ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىن كەلگەن بالىلارنى كۈتۈۋالغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ۋە تەنتەنە ساداسى ئىچىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تاغ – دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قوشنىلار، ياخشى ھەمراھلار، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغدىنىپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى پۈتكەن. 2008 – يىلى جۇڭگو ۋېنچۈەندە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەڭ دەسلەپ ئاپەت رايونىغا كېلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 996 نەپەر ئوقۇغۇچى ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىدە كۈتۈنۈپ داۋالىنىپ، ئۆمۈرۋايەت ئېسىدىن چىقمايدىغان ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› ئەسلىمىسىنى قالدۇردى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى يەنە ئىككى دۆلەت ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىلىشىش تارىخى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو – رۇسىيە ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى كۈچەيدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياش – ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، جۇڭگو – رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسى، دۇنيانىڭ كەلگۈسى. ئىككى دۆلەتتىكى بىر ئەۋلاد ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، پائال ئىلگىرىلەپ، بالدۇرراق دۆلەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىنى؛ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو – رۇسىيە دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستلۇق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشىنى، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىنى؛ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالاقىسى سۆھبىتىگە تىرىشىپ قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ياشلىق باھارى، ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا، شى جىنپىڭ مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوغا بېرىپ مېھمان بولۇپ، دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان دوستانە مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن. ئىككى دۆلەت ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالىدۇ، بۇ، رۇسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىزنىڭ تەرەپلەرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلىرىنى دۆلەتلىرىمىزگە كېلىپ كۈتۈنۈپ داۋالىنىشقا ئۆزئارا تەكلىپ قىلىش ئەنئەنىمىز بار. رۇسىيە – جۇڭگو بىر ئەۋلاد ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىنى، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نەق مەيداندا قويۇلغان سىن فىلىمى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە تاماشىبىنلارغا ئون يىل ئىلگىرىكى چەكسىز مېھىر – مۇھەببەت ۋە مۇھەببەتكە تويۇنغان ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› كۈنلىرىنى ئەسلەتتى. شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلار رۇسىيەنىڭ جۇشقۇن خەلق ئۇسسۇلى ‹‹كالىنكا››نى ئورۇنلىدى. ئەينى يىلى ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› مەركىزىدە كۈتۈنۈپ داۋالانغان ئۆسمۈرلەر بۈگۈنكى كۈندە چوڭ بولغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋەكىللەر بۈگۈن ئىلگىرى كۆيۈنۈشكە ئېرىشكەن جايغا كېلىپ، مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن ‹‹مىننەتدارلىققا تولغان قەلب›› ناملىق خورنى ئېيتتى، خوردا مۇھەببەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ۋە دوستلۇقنى قەدىرلەش بايان قىلىنغانىدى. 2008 – يىلى ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن مەركەزدە داۋالانغان شى جۈنفېي ئۆزىنىڭ ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› مەركىزىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى بايان قىلدى: ئەينى يىلى، مەن چوڭ بولغاندا رۇسىيەگە بېرىپ ئوقۇپ، جۇڭگو – رۇسىيە دوستلۇقىغا ھەسسە قوشۇش ئارزۇيۇمنى قەغەزگە يېزىپ، ئۇنى بوتۇلكىغا سېلىپ دېڭىزغا تاشلىغانىدىم، بۇ بوتۇلكا دېڭىزدا تۆت ئاي لەيلەپ، يەنە ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ قولىغا تېگىپتۇ. ھازىر مەن ئارزۇيۇمغا يېتىپ، يىراق شەرق فېدېراتسىيە داشۆسىنىڭ تۆتىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم، ئەينى يىلىدىكى ئارزۇيۇم رېئاللىققا ئايلاندى. ئارقىدىنلا، جۇڭگو ۋە رۇسىيە ئىككى دۆلەتتىن كەلگەن ياش – ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى ۋە مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىرلىكتە ‹‹جۇڭگو – رۇسىيە ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستلۇق خىتابنامىسى››نى ئوقۇپ، ‹‹ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو – رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولايلى›› دەپ قەسەملەشتى. مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر يەنە ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۇسسۇل ‹‹بىز تېخى ياش››نى ئورۇنلىدى. ئويۇن پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ مەركەز ناخشىسى ‹‹<دېڭىز – ئوكيان> ناخشىسى››نى تەڭ ئېيتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

  شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئوقۇتۇش بىناسىغا كېلىپ، جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىن كەلگەن بالىلار مەركەزدە داۋالىنىۋاتقاندا ياسىغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرىدىن زوقلاندى، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىن كەلگەن ياش – ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى ۋە مەركەزدىكى ئەينى ۋاقىتتا كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى يوقلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كېلىشى ئۇلارنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، جۇڭگو – رۇسىيە خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، كۆپچىلىكنى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. پۇتىن ياش –ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرىگە مۇنداق دېدى: بۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىللە يېنىڭلارغا كېلىشىمىزنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى بار، ئىنتايىن قىممەتلىك، 2008 – يىلى بىز سىلەرنى تۇغقىنىمىزنى كۈتۈۋالغاندەك كۈتۈۋالغانىدۇق، ھازىر سىلەرنىڭ كۆزۈڭلاردىن سىرغىپ چىققان ياش مەن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھارماي – تالماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى، يەنە رۇسىيە – جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى پائالىيەت ئىنتايىن قالتىس بولدى، جۇڭگو – رۇسىيە خەلقلىرى ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ يىلتىز تارتىپ، بىخ سۈرۈپ، چىچەكلەپ، مېۋە بەرگەنلىكىنى نامايان قىلدى. جۇڭگودا ‹‹بىر تامچە سۇنىڭ مېھرىنى، بىر بۇلاقنىڭ سۈيى بىلەن قايتۇرۇش›› دېگەن گەپ بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەر ‹‹دېڭىز – ئوكيان››، سىلەر چەكسىز مۇھەببىتىڭلار ئارقىلىق رۇسىيە خەلقىگە جاۋاب قايتۇرۇشۇڭلار، ئۆز ۋەتىنىڭلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشۇڭلار كېرەك. نەق مەيداندىكى ياش – ئۆسمۈرلەر ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، توختىماي باش لىڭشىتىپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشتى. ئۇلار ئارقا – ئارقىدىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە جۇڭگو – رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ تارقاتقۇچىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تۆت بالىلار مەركىزىنىڭ بىرى. 2008 – يىلى جۇڭگو ۋېنچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگونىڭ سىچۈەن، گەنسۇ قاتارلىق ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلىرىدىن كەلگەن 2000غا يېقىن بالا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بۇ مەركەزگە كېلىپ كۈتۈنۈپ داۋالانغان. 2013 – يىلى سىچۈەن يائەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىن كەلگەن 299 بالا تەكلىپكە بىنائەن بۇ مەركەزگە كېلىپ كۈتۈنۈپ داۋالانغان.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.