تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 4–نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى

  شى جىنپىڭ  4– نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى

تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ يىراق شەرق ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشنى تەكىتلىدى

9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، 4 – نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنى ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ‹‹يىراق شەرق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ گۈزەل يېڭى كەلگۈسىنى يارىتايلى›› دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىلادىۋوستوك، 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار چېن جى، لى جيەنمىن، مياۋ شياۋجۈەن). 4 – نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنى 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، كورېيە زۇڭلىسى لى لويۈەن قاتارلىقلار قاتناشتى.
   شى جىنپىڭ ‹‹يىراق شەرق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ گۈزەل يېڭى گەلگۈسىنى يارىتايلى›› دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىللە رايون تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنىۋېرسال ماس تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇتىن زۇڭتۇڭنىڭ شەخسەن تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۈچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ھەمكارلىقنى ئورتاق كېڭىشىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. جۇڭگو ئىزچىل رۇسىيە يىراق شەرق ھەمكارلىقىنىڭ پائال قوللىغۇچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولۇپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، سىياسىي ئاساسى پۇختا، سىياسەت كاپالىتى كۈچلۈك، مېخانىزمى مۇكەممەل ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپنىڭ رۇسىيە يىراق شەرق ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى مەن بىلەن پۇتىن زۇڭتۇڭ بېكىتكەن جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق – ئالاقە يىلى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۈستۈنلۈكلەر ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، جۇڭگو – رۇسىيە يىراق شەرق ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش كېرەك. ئىناق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن – ئاخىر ئىناق، دوستانە ئەتراپ مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئاكتىپ ھالەتتە رايون ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى، سۆزلىشىشىگە كۈچ قوشۇپ، داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇشۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەش؛ چېگرا ھالقىغان ئۇل ئەسلىھەلەر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق رايون ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىش؛ كىچىك كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق، ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تۈرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى خەلقلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، سۇپا ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

  تۆتىنچى، كەلگۈسىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىۋېرسال ماس تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ماس تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى پائال مۇزاكىرە قىلىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپ ئەندىزىسى ھەم تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك مۇھىت مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، رۇسىيە يىراق شەرق ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇشۇ رايوننىڭ كۆپ مەنبەلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق مەنپەئەت تورتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭايتىپ، مۇشۇ رايوندىكى خەلقلەرنى ھەمكارلىق پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يىراق شەرق ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ!

  پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ رۇسىيە يىراق شەرق رايوندىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى تەرىپلىدى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىراق شەرق رۇسىيە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئالدىنقى يۆنىلىش. ھازىر يىراق شەرق رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سۈرئىتى رۇسىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. يىراق شەرق تەرەققىياتى ئوچۇق تەرەققىيات، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، يىراق شەرقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ. رۇسىيە تەرەپ رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىنى ئېچىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھەرقايسى تەرەپلەر يىراق شەرقنى ئېچىشقا پائال قاتنىشىشنى، شۇنداقلا شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ھالقىسىدا، شى جىنپىڭ يەنە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىن رىياسەتچىسى سورىغان سوئالغا جاۋاب بەردى.

  ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى 3 – نۆۋەتلىك ‹‹يىراق شەرق لوڭقىسى›› خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە راللى مۇسابىقىسى 1 – باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.