تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مائارىپ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى

 ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  دۆلەت كۈچىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئادەمگە باغلىق، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئوقۇتۇشقا باغلىق.

  ‹‹مائارىپ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى››. مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، مائارىپنىڭ دۆلەتنىڭ باي، قۇدرەتلىك بولۇشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى، خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى، مائارىپنىڭ ئۇللۇق، باشلامچىلىق، ئومۇمىيەتلىك ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر مۇئەييەنلەشتۈردى، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە مائارىپقا قويۇلغان يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، بۇ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنى مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش،مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  قانداق ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى باش مەسىلە. يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى دۆلىتىمىزنىڭ تارىخى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە تەكىتلەپ كۆرسەتكەندەك: ‹‹دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، بۇ، مائارىپىمىزنىڭ چوقۇم سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن››. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرگەندىلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى گۈللىتىپ ياشناتقىلى بولىدۇ، ئىزباسارلىرىمىز بار بولىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتقىلى، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  دەۋر قانچە ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى بىلىم ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇھىملىقى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ، مائارىپنىڭ ئورنى ۋە رولى شۇنچە روشەنلىشىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتىدۇر. ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلارغا، مائارىپقا تايىنىمىز. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجى، پەننىي بىلىملەر ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تەخىرسىز بولۇۋاتىدۇ. پەقەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە تارىخىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ خەلقئارالىق نەزەر دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم باشلامچى قەدەم قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، مائارىپنى ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشتۇرغىلى، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىغا لايىقلاشتۇرغىلى، پارتىيە، دۆلەت، خەلق، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا مائارىپ ئاساسى سالغىلى، كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  مائارىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈن مائارىپقا ئوخشاش ئىزباسارلار مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، ھەتتا ئۇنى بەلگىلىيەلەيدىغان، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، ھەتتا ئۇنى بەلگىلىيەلەيدىغان، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، ھەتتا ئۇنى بەلگىلىيەلەيدىغان ھېچقانداق بىر ئىش يوق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ بۇ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرسەك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا چوقۇم ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلالايمىز، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى