4–نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ
شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا بىللە قايتىپ كەلدى.
شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتىن ئايرىلىش ئالدىدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە جۇڭگو – رۇسىيە ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. دۆلەتكە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.