تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 34 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنى ئېچىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە مائارىپقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر، تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلىدى، مائارىپ خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، دۆلىتىمىز مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە رېئال مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مائارىپ خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشقا ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مائارىپ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى – تەرەققىياتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، بولۇپمۇ ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم باشلامچى قەدەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىغا قويۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، خاراكتېرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىشنى خىزمەت نىشانى قىلىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. مائارىپ تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مائارىپ ئىسلاھاتى – تەرەققىياتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇشى، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش››نى ۋاسىتە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىلىمنى ئاشۇرۇش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش تۈپ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي بولغان مائارىپ باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى، ئەمەلىي تۇتۇپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، يەسلى مائارىپىنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش تىل مائارىپىنى چىڭ، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، مائارىپنىڭ كۆلەمنى ئاشۇرۇشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. غايە – ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساپا ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، شان – شەرەپ تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.