تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىدە يانفوندا ھەق تۆلەش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: پارچە پۇل ياكى ئاممىۋى قاتناش كارتىڭىزنى ئالماپسىزمۇ؟ جىددىيلەشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىڭىز بولسىلا ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى بۆلەكلەرگە ئايرىپ ھەق ئېلىنىدىغان لىنىيە ئاپتوبۇسلىرىدىن باشقا كۆپ قىسىم ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرالايسىز. يانفوندا ھەق تۆلەش بېلەت باھاسى بىر يۈەن بولۇپ، توردا قىممەت تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى خۇڭسەن ھەممىباب كارتىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرى BRT نىڭ ھەر قايسى لىنىيەلىرىدە ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئاپتوبۇسقا چىقىشنى نۇقتىدا سىناق قىلغان ھەمدە ئادەتتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا كېڭەيتكەن. ھازىرغىچە، مەركىزىي شەھەردە كۆپ قىسىم ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىدە ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئاپتوبۇسقا چىقىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ۋۇجياچۈدىكى بارلىق ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىغىمۇ يانفوندا ھەق تۆلەپ چىققىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان 19-،307-،312-،613-،909-،5301-يول ئاپتوبۇسلىرى قاتارلىق بۆلەكلەر بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوبۇسلارغا ھازىرچە يانفوندا ھەق تۆلەپ چىققىلى بولمايدىكەن.

  خۇڭسەن ھەممىباب كارتىسى بازار تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ شياۋشۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئابۇنىچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىغا «خۇڭسەن ھەممىباب» (红山通) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ، ئۆز ئىسمى بويىچە تىزىملاتقاندىن كېيىن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ھەق تۆلەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى