تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چۈشلۈك ئۇيقۇ قانداق بولغاندا ھەم ئۈنۈملۈك ھەم ساغلاملىققا پايدىلىق بولىدۇ؟

  چۈشلۈك ئۇيقۇ قانچىلىك بولغاندا مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ قانداق ئۇخلىغاندا ئۆزىمىزنى روھلۇق ھېس قىلىمىز ؟

   ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسى دامەندا ۋېنىر فىرانسىيەدە چىقىدىغان «مارىيە-كىلەيرى» گېزىتىدە چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن بىر قانچە نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  1. ساغلاملىققا پايدىلىق چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىدا

  چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ مەقسىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك چۈشلۈك ئۇيقۇ بەدەننى «چوڭقۇر قاتلام»دىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. تەتقىق قىلىنىشىچە، 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە مەشىق قىلىپ بىر قانۇنىيەتكە كىرگەندىن كېيىن ئۇيقۇمۇ ئۆز «رېتىمى»گە كىرىدىكەن.

  2. ئەڭ مۇۋاپىق چۈشلۈك ئۇيقۇ مەزگىلى : 15~20 مىنۇت بولىدۇ

  ھەركۈنى چۈشتە 15~20 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇخلىغاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن، كۈندە شۇنداق ئۇخلاشنى ئادەتلەندۈرگەندە ئاخىرىدا تەبىئىيلا شۇنچىلىك ۋاقىت ئۇخلاپ ئويغىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

  3. تېز ئۇيقۇغا كىرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

  ئەڭ ياخشىسى كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان رەسىمنى تاللاپ ئۇنىڭغا قاراپ ئۇخلىغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

  4. ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئۇخلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

    يېتىپ ئۇخلايدىغان شارائىت بولمىغاندا، مەيلى مېترو، كوچا ئاپتوبۇسى ياكى ئىشخانا بولسۇن، چوقۇم ئازراق ئۇخلايدىغان پۇرسەت يارىتىش كېرەك. ئىككى پۇتنى يەرگە تەگكۈزۈپ، ئۈستەلگە بېشىمىزنى قويۇپ بىردەم ئۇخلىۋالساق ئارام ئېلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى