ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-ئوتتۇرا مەكتىپىگە مودېل قۇرۇلمىلارنى ھەدىيە قىلدى.
پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ئالىيە تۇرغۇن خەۋىرى، فوتوسى: 2018-يىللىق تەنتەربىيە پەن-تېخنىكىلىرى مەكتەپلەرگە كىرىش پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدە رەسمىي باشلاندى. بۇ پائالىيەتتە قەغەز ئايروپىلاننى يىراقتىن كونترول قىلىپ ماھارەتلىك ئۇچۇرۇش، قولدا ئېتىپ شۇڭغۇپ ئۇچۇرۇشنى يىراقتىن كونترول قىلىش قاتارلىق ئاۋىياتسىيە مودېل قۇرۇلمىلىرى ماھارىتى 800 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ سىياسەت، قانۇن-نىزام ۋە پەن-مائارىپ تەشۋىقات باشقارمىسى بىلەن شىنجاڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا مودېل تەنھەرىكەت بىرلەشمىسى بىرلىكتە 9-ئايدىن 12-ئايغىچە شىنجاڭدىكى 30 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم مەكتەپ مەيدانىغا ئاساسەن ئويۇن قويۇش تۈرلىرىنى بېكىتىپ، مودېل قۇرۇلمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ھەدىيە قىلىدۇ.