تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سەيلىگاھ

بېلىقلار بىلەن سەپەرداش بولۇش

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، فېنجيېجوۋ ئارىلىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە بىر باربۇس بېلىقى دېڭىز ئاپتاپپەرىسى ئەتراپىدا ئۈزۈپ يۈرمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ فېنجيېجوۋ ئارىلى دېڭىز ئاستىدىكى مارجانلارنى قوغداش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئىزچىل كۈچ چىقاردى ھەمدە دېڭىز-ئوكيان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دېڭىز ئاستىغا سۈنئىي خادا تاشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مارجانلارنىڭ ئۆسۈشىگە شارائىت ھازىرلىدى، بۇنىڭ بىلەن، بېلىقلارغىمۇ ماس كېلىدىغان ياشاش مۇھىتى يارىتىلدى. نۆۋەتتە، فېنجيېجوۋ ئارىلىنىڭ دېڭىز تەۋەسىدىكى مارجان خادا تاشلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. (دىڭ شۈ فوتوسى)

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، فېنجيېجوۋ ئارىلى دېڭىز تەۋەسىدە بىر توپ بېلىقلار بۇغا مۈڭگۈزىسىمان مارجانلارنىڭ ئۈستىدىن ئۈزۈپ ئۆتمەكتە.
9-ئاينىڭ 12-كۈنى، فېنجيېجوۋ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر غەۋۋاس بۇغا مۈڭگۈزىسىمان مارجانلارنىڭ يېنىدىن ئۈزۈپ ئۆتتى.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، بەش سىزىقلىق پوماسېنتر بېلىقى دېڭىز ئاستىدا ئۈزۈپ يۈرمەكتە.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، فېنجيېجوۋ ئارىلىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە باربۇس بېلىقلىرى مارجان خادا تاشلىرىنى سۈنئىي  ئۇسۇلدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونىدا ئۈزۈپ يۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى