ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: خەلقئارا چېلىشىش بىرلەشمىسى ئىنتېگرال مۇسابىقىسىنىڭ پولشا بېكىتى مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋارشاۋادا ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئېلىمىزگە ۋەكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇلار ئىككى ئالتۇن مېدال ۋە بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئېلىمىزدىن 27 تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. ئىككى كۈنلۈك مۇسابىقىدە شىنجاڭلىق ماھىرلار كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قەدىمچە چېلىشىش تۈرىدە چېمپىيون بولغان تورباتو قەدىمچە چېلىشىش بويىچە 60 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە چېمپىيون بولدى؛ ئاياللاردىن رۇڭ نىڭنىڭ بىلەن پەرىخە ئەركىن چېلىشىش بويىچە 57 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە چېمپىيون ۋە 76 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە 3-بولدى.