شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 8-ئايدىكى يولۇچى تىرانسىپورت مىقدارى جەمئىي 2 مىليون 285 مىڭ 405 ئادەم (قېتىم)غا، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى 16 مىڭ 883 قېتىمغا يەتتى، بۇ نۆۋەتتە مۇشۇ يىلدىكى يەككە ئايلىق ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئاي بولۇپ، ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 545 قېتىم ئەتراپىدا بولدى.
مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئىگىلىشىچە، ئايروپورتنىڭ 8-ئايدىكى يولۇچى تىرانسىپورت مىقدارى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.5، 7-ئاينىڭكىدىن %4.7 ئاشقان، يۈك، پوچتا بۇيۇملىرىنى توشۇش مىقدارى 14 مىڭ 671 مىڭ 100 توننا بولۇپ، 7-ئاينىڭكىدىن %22.7 ئېشىپ، ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ زەنجىرسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى بىلەن تەڭلەشكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى 16 مىڭ 883 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.7، 7-ئاينىڭكىدىن %2.2 ئاشقان.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى