تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2018-يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تەييۈەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 9-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 12-كۈنى سەنشى ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە سەنشى تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ قىزىل پانۇس تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە يورغىلاپ مېڭىش بىلەن مارافونچە يۈگۈرۈشتىن باشقا 45 تۈر بولۇپ، ئەرلەر تۈرىدىن 22 سى، ئاياللار تۈرىدىن 22 سى، ئارىلاش تۈردىن بىرى بار ئىكەن. ۋاقتى كەلگەندە مەملىكىتىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن 35 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن بولۇپ 1300 دىن ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى