شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مانتا، پىلتە قۇيماق، پۇرچاق سۈتى، گۈرۈچ ئۇمىچى قاتارلىق ھەرخىل ناشتىلىقلاردىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ، شۇ يەردە يېسىڭىزمۇ، ئېلىپ كەتسىڭىزمۇ، ئالدىن زاكاز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئىشقىلىپ، بۇ ئوخشىمىغان ئەندىزىلەر سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالايدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدا ناشتىلىق قۇرۇلۇشى تەۋەلىكتىكى 81 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنى قاپلىدى.
مۇخبىرنىڭ شىمىگۇ رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا يەنە ئىككى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا ناشتىلىق مۇلازىمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن بۇ مۇلازىمەت شىمىگۇ رايونىدىكى 81 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنى قاپلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، شىمىگۇ رايونى ئارشاڭ شىمالىي يولى مەھەللە كومىتېتىدا سىناق تەرىقىسىدە «مەھەللە مېھىرلىك ناشتىلىق ئارىلى» قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەۋەلىكتىكى بىردىنبىر مۇقىم ناشتىلىق ئورنى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىباب يېمەك-ئىچمەك ۋە ناشتا ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى يولغا قويغان بولۇپ، «لايىھە»گە ئاساسەن، 2017-يىلدىن 2019-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرلۈك ناشتا مۇلازىمەت تور نۇقتىسى 1500دىن ئاشىدىكەن.