تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان ئەپچىل چارىلەر (1)

    قاپاق لازىنىڭ ساپىقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن يۇيۇپ تازىلاش
    كۆپىنچە كىشىلەر قاپاق لازىنى ئىككىگە پارچىلىۋېلىپلا بىۋاسىتە يۇيىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل توغرا ئەمەس. چۈنكى قاپاق لازىنىڭ ئۆسۈش شەكلى ئالاھىدىلىكى باشقا كۆكتاتلاردىن پەرقلىنىپ تۇرغاچقا، چېچىلغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى لازىنىڭ ساپىقىغا يىغىلىپ قالىدۇ.

     چاقماق چاققاندا ئاپتوموبىلدىن چۈشمەسلىك
    ئاپتوموبىل يول يۈرۈۋاتقاندا ئەگەر گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى كۆرۈلسە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدى بىلەن ئاپتوموبىل دېرىزىلىرىنى ئېتىپ، ئانتېننانى يىغىۋېتىش كېرەك.

    قەلەي قەغەزدە گۆش پىشۇرغاندا لىمون قوشماسلىق
    قەلەي قەغەزدە بېلىق ۋە گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئوراپ پىشۇرغاندا لىمونغا ئوخشاش كىسلاتالىقى يۇقىرى مېۋىلەرنى بىللە پىشۇرماسلىق ياكى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى قەلەي قەغەز مېتال تۈرىگە تەۋە بولغاچقا، مېتال بىلەن كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا خىمىيەۋىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى