2018-يىلى، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاياللار بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ مېھىر سىڭدۈرۈش، ئاياللار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، تېخىمۇ خاتىرجەم، گۈزەل، بەختلىك ئالتاي قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلىدى.
ئالتاي ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى مىللىيچە كىيىم-كېچەك، قول توقۇلما بۇيۇملىرى، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق كۇرسلارنى ئاچتى ۋە ماھارەت مۇسابىقىسىدىن 63 قارارنى ئۆتكۈزدى، 3150 ئايال كۇرسقا ھەم مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى.
زايىمقان ئاۋتاينىڭ كۆڭلىدە مەھەللە ئۆزىنىڭ «ئۆيى»، بۇ كۈچلۈك يۆلەنچۈك بولغاچقا، زايىمقان ئاۋتاي شىركەتنى ياخشى باشقۇرالىدى. ئۇ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم كەشتىچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەھەللىدىكى كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.
مۇشۇ مەھەللىدىكى لى خەيشيا 1-نۆۋەتلىك مەھەللە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى. ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ غەربچە پىشۇرۇق دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ دۇكاننىڭ يىللىق پېچىنە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1000 توننىغا يېتىدۇ. ئۇ مەھەللىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدى. غەربچە پىشۇرۇق دۇكىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئۇ ئىش ئورنىدىن قالغان 30 دىن ئارتۇق خادىمنىڭ ئىش ئورنىغا قايتا چىقىشىغا ياردەم بەردى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىش ئورنىدىن قالغان 22 ئىشچىنى غەربچە پىشۇرۇق دۇكىنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
تايكەشكەن بازىرىدىكى ئۆزگىچە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساۋ جىنشياڭنىڭ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق مەيدانى بار، ئۇ رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان «جىغان توخۇسى» نىڭ داڭقى يىراقلارغا تارالغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى قاراماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرگىچە سېتىلىدۇ، يىللىق كىرىمى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى داۋاملىق ئۆز خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئالتايدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنى يېتەكلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىدۇ، پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاياللارنى مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يىمىرىلمەس كۈچ شەكىللەندۈرىدۇ.
شىنجاڭ ئاياللىرى ئاۋازى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى